باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كاستىرو خەت يوللاپ، چاۋىسنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىنىپ دۆلىتىگە قايتقانلىقىنى تەبرىكلىدى

2013.02.19 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. كۇبا ھاۋانا ۋاقتى سائەت 18 دە، ۋېنسىئۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋىس 2 ئايلىق داۋالاشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ دۆلىتىگە قايتتى. كۇبا ئىنقىلاب رەھبىرى كاستىرو مەخسۇس خەت يوللاپ تەبرىكلىدى.

  كاستىرو خېتىدە چاۋىسنىڭ كېسەل جەريانىدا نامايان قىلغان قەتئىي ئىرادىسىنى، كۇبا ۋە ۋېنسىئۇئېلا ئىككى دۆلەتتىكى دوختۇر خادىملارنىڭ ئاكتىپ تەقدىم قىلىش روھى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ توختاۋسىز قوللىشى ۋە ياردىمىنى ماختىدى، ئۇ يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىدىكى مەڭگۈلۈك دوستلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  كاستىرو چاۋىسنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىپ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ئىجىتمائىي سەھنىسىدىكى مۇھىم رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى تىلىدى.

  چاۋىس دۆلىتىگە قايتىپ كەلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە