2-ئاينىڭ 19-كۈنى، يەمەن پايتەختى سانادا ساقچى دائىرلىرى ئايروپىلان پارچىلىرىنى يىغىۋالدى. يەمەننىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى بىر ھەربىي ئايروپىلان يەمەن پايتەختى سانانىڭ شەھەر مەركىزىدە چۈشۈپ كېتىپ، ئاز دېگەندە 9 ئادەم قازا قىلغان، 23 ئادەم يارىلانغان.
ۋەقە يۈز بەرگەن رايون ئاھالە زىچ ئولتۇراقلاشقان تۇرالغۇ رايونى بولۇپ، نەق مەيداندىكىلەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندە ئۈچ تۇرالغۇ ئۆي ۋە بىر نەچچە ئاپتوموبىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ھازىر قۇتقۇزۇش خادىملىرى خارابىلىق ئىچىدىن ھايات قالغانلارنى ئىزدەۋېتىپتۇ. ئۆلگەنلەر سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىنكەن.شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (مۇھەممەد فوتوسى)