باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تورغات چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى 100 مىليۇن يۈەنلىك ھايۋانات بويۇملىرى ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى

2013.02.18 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. جۇڭگو-قىرغىزىستان چېگراسىدىكى شىنجاڭ تورغات چېگراسى تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ئوفېتسىر-جەڭچىلەر يېقىندا چېگرادىن كىرگەن بىر ئاپتوموبىلنىڭ قېتىدىن ئەتكەس قىلىنغان ئىپار چاشقان تېرىسىدىن 12950 پارچىنى، بۆكەن مۈڭگۈزىدىن 3715نى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى، دېلونىڭ چېتىشلىق ئومۇممىي سوممىسى 110 مىلىيون يۈەنگە يېتىدىكەن.

  تورغات چېگرا پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، 6-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، چېگرا پونكىتىدىكى ئوفېتسىر-جەڭچىلەر دۆلەت دەرۋازىسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقاندا، نومۇرى «新A83243» بولغان ئاپتوموبىلنىڭ كوزۇبى چېگرادىن چىققان ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا ئۆزگىرىپ قالغان بولۇپ، ئاپتوموبىلدا يېڭىدىن كەپشەرلەنگەن ئىز پەيدا بولۇپ قالغان، ھەمدە يېڭىدىن سىرلانغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كوزۇبنىڭ ئالدىنقى قىسىمىدا بىر قوشۇلغان قەۋەتنىڭ بارلىقى بايقالغان. ئوفېتسىر-جەڭچىلەر نەق مەيداندا يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنى قولغا ئالغان.

  يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنى سوراق قىلىش ئارقىلىق، چېگرادىكى ئوفېتسىر-جەڭچىلەر تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ، ئۇنى ئېلىشقا چىققان جىنايەت گۇماندارىنىمۇ بىللە قولغا چۈشۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە