باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ھالقىغان تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى شايكىسى بىت چىت قىلىندى

2013.02.16 13:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:تۈنۈگۈن سائەت 6دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ۋېنسۇئىلادىن ئۇچقان بىر ئايروپىلان ئاستا ئاستا بېيجىڭ پايتەخت ئايرودۇرۇمىغا قوندى، بۇلاش، تۇتقۇن قىلىش، قاقتى سوقتى قىلىش قاتارلىق ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغان دۆلەت ھالقىپ تۇتقۇن قىلىش، قاقتى سوقتى قىلىش جىنايەت شايكىسىنىڭ باش جىنايەتچىسى شى موۋۋېي ئېلىمىز ساقچىلىرى تەرىپىدىن ۋېنسۇئىلادىن دۆلىتىمىزگە ياللاپ ئېلىپ كېلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2010-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، ۋېنسۇئىلادا كۆپ قېتىم جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتىلغان بۇلاڭ تالاڭ قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، قاقتى سوقتى قىلىش قاتارلىق ئېغىر جىنايەت دېلولىرى يۈز بەرگەن، ئېلىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شۇ يىلى 4-ئايدا ۋېنسۇئىلاغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ دېلونىڭ شى موۋۋېي باشچىلىقىدىكى بىر ئۇچۇم جۇڭگولۇق كىشىلەرنىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، ئۇلار ۋېنسۇئىلادا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ياكى شۇ جايدا سودا قىلىۋاتقان جۇڭگولۇقلارنى تۇتقۇن قىلىش، قاتتىق ئۇرۇش، زىيان سېلىش، ئېتىپ ئۆلتۈرۈش، قورقۇتۇش قاتارلىق قەبىھ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مۈلۈك توپلىغان، ھەر قېتىمدا 10 مىڭدىن نەچچە ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە قاقتى سوقتى قىلغان.

  بۇ يىل 19-يانۋار جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يەنە بىر قېتىم ۋىنسۇئىلاغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇشقا باشلىدى، 1-فېۋرال ۋېنسۇئىلا ئارمىيەسى، ساقچى دائىرىلىرى كۈچ تەشكىللەپ ئېلىمىزنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، بۇ جىنايەت شايكىسىنىڭ كاتتىۋېشى شى موۋۋېينى تۇتۇپ، ئىككى قېتىملىق دۆلەت ھالقىپ تۇتقۇن قىلىش دېلوسىنى پاش قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى گۇاڭدۇڭ ساقچى دائىرىلىرىنى تەڭ قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى، مەزكۇر شايكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئىككى ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارىمۇ قولغا چۈشتى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش ئىرادىسى ئۆزگەرگىنى يوق، مەيلى جىنايەتچى ئۇنسۇرلار قايسى دۆلەتتە جۇڭگو پۇقرالىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايەت سادىر قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ، جۇڭگو ساقچىلىرى ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە