باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە قاتناش ھادىسىسى سەۋەبلىك قازا قىلىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90 تۆۋەن بولدى

2013.02.18 14:42         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىللىق چاغان مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىلىرى ئىچىدە قازا قىلىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90 تۆۋەن بولدى.

  چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدە 568 قېتىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ئادەم قازا قىلغان. بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئالتە قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە 10 ئادەم قازا قىلغانغا سېلىشتۇرغاندا، %90 تۆۋەن بولغان. ئۈرۈمچى ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شىنىڭ ئېيتىشىچە، چاغان مەزگىلىدىكى كېچىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە 12 مىڭ 247 ئادەم قاتناشقان بولۇپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان 8969 ئاپتوموبىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان، ئۇنىڭ ئىچىدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن دېلودىن ئۈچى بايقىلىپ، تۆت ئاپتوموبىل ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە