باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى تۇز كۆلدىن ھالقىش قۇرۇلۇشىدا سىم تارتىلىشقا باشلىدى

2013.02.17 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ھەر قايسى تاراتقۇلاردا ئېلىمىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش سىمى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش 2- يولى چىڭخەي چارخان تۇز كۆل قۇرۇلۇشىدا سىم تارتىلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. ئۈچ كۈن جىددىي تۇتۇش قىلىش ئارقىلىق كۆلدىن ھالقىغان 57 كىلومېتىر كېلىدىغان توك يەتكۈزۈش سىمى لىنىيەسى خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالدى. 16- فېۋرال ئىشچىلار ئەڭ مۈشكۈل جايدا مەشغۇلات ئېلىپ باردى.

  شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش 2- يولى قورۇلۇشىدا ئىشچىلار يۇقىرى ھاۋا بېسىمى، سوغۇق قاتارلىق ئېغىر سىناقلارغا ئۇچراپلا قالماستىن يەنە دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىز جايدا 460 كىلومېتىر ئارىلىققا سىم تارتىش خىرىسىغا دۇچ كېلىدۇ.

  بوران چىقىش پەسلىدىن ئىلگىرى سىم تارتىپ بولۇش ئۈچۈن، چاغان مەزگىلىدە قۇمۇل ۋىلايىتىدىن گەنسۇ ئۆلكىسى ئارقىلىق چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمۇتقىچە بولغان 1079 كىلومېتىر كېلىدىغان سىم لىنىيەسىدە 4000 دىن كۆپرەك قۇرۇلۇش ئىشچىسى ئىشلىدى. بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بۇ قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ياز پەسلىدىكى توك بىلەن تەمىنلەش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يىنىكلەتكىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە