- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
رۇسىيە ۋىيتنامغا بۇ يىل ئىچىدە ئىككى سۇ ئاستى پاراخوتى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ
2013.02.18 15:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيە قىزىل ياقۇت مەركىزىي لايىھە ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىقتىسادى پائالىيەت ۋە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بارانوف زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: سانتى پىتىربۇرگتا ياسالغان 636 تىپلىق ئالتە يادروسىز سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى 2013-يىل ئىچىدە ۋىيتنامغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.
ۋىيتنامنىڭ باش مىنستىرى 2009-يىلى 12-ئايدا رۇسىيە بىلەن 636 تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋېلىش توختىمى ئىمزالىغانلىقىنى، توختام سوممىسىنىڭ تەخمىنەن ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. رۇسىيە 2016-يىلدىن ئىلگىرى توختامدا بەلگىلەنگەن بارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى پىلانلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە