باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيەدە نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىندى (1)

ئامېرىكا سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2013.02.18 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر 16-فېۋرال 2-چوڭ شەھەر ھەلەپ قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق كەسكىن ئۇرۇش قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي توقۇنۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، سۈرىيەنىڭ دۆلەت ئىچىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىمۇ يامانلاشتى، ئىككى كۈندە نەچچە يۈز پۇقرا تۇتقۇن قىلىندى. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى 16-فېۋرال سۈرىيەگە ھەربىي ئارىلىشىش پىلانىنى تۈزۈپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  16-فېۋرال سۇرىيە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرى بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىغا بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، ھەلەپ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ھەمدە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئىككى ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا كۈچلۈك ھۇجۇم قىلدى. ھۆكۈمەت ئارمىيەسى كۈچلۈك قارشىلىك كۆرسەتتى، كۈرەش ئايروپىلانى چىقىرىپ ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھاۋا ئۈستۈنلۈكىنى ساقلىدى.

  ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر 13-فېۋرالدىن باشلاپ، ھەلەپ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېڭى بىر نۆۋەت ھۇجۇم قىلغان، ئىككى تەرەپنىڭ كەسكىن ئۇرۇشىدا ھازىر ئاز دېگەندە 150 قازا قىلغان، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يەنىلا خەلقئارا ئايرودۇرۇم ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ھاۋا ئارمىيەسى بازىرىدىكى ئايرودۇرۇمنىڭ كونترول ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ، ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنىڭ قىسمەن رايونىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ئايرودۇرۇمنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىنى كونترول قىلغان.

  ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر كونترول ھوقۇقىنى تالىشىش بىلەن بىرگە، يەنە شىمالدىكى باشقا مۇھىم ئەسلىھەلەرگە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلدى. سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسى يېقىندا بىز سۈرىيەدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە چوڭ توغاننى كونترول قىلدۇق، دېدى.

  ئۇندىن باشقا گوللان ئېگىزلىكىدە ئۆكتىچىلەر يەنە بىر مۇھىم ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىنى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى سەۋەبلىك چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.

  باش ئورگىنى ئەنگلىيەدىكى سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچى تەشكىلاتى 16-فېۋرال مۇنداق دېدى: سۈرىيەنىڭ غەربى شىمالىدىكى ئىدلىب ئۆلكىسىنىڭ يېزا رايونىدا 48 سائەت ئىچىدە 300دىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىندى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار. كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچى تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: بۇ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى دىنىي مەزھەپلەر توقۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، 14-فېۋرال يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس تۇتقۇن قىلىش دېلوسى بىر قاتار دېلولارنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە