باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ باۋتۇدا كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى

2013.02.06 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

3-فېۋرال، لى كېچياڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ باۋتۇ شەھىرى بېيلياڭ كەپىلىك رايونى ئاھالىلەر كومىتېتىدا كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش نەق مەيدان يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ باۋتۇ شەھىرى بېيلياڭ كەپىلىك رايونى ئاھالىلەر كومىتېتىدا كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش نەق مەيدان يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

  بېيلياڭ باۋتۇ شەھىرىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ شەھەر كەپىلىك مەھەللە. ئىككى يىل ئىلگىرى لى كېچياڭ بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت تەكشۈرۈپ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. يىغىندا: كۆكخوت، باۋتۇ، خۇلۇنبېر، ئۇرخاي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى شەھەر، ئورمانچىلىق رايونى، تېرىلغۇ رايون، زاۋۇت كان قاتارلىق كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، پىكىر تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كەپىلىك مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ۋەكىللىرى تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقىنى ئىنكاس قىلىپ، تېزراق ئۆزگەرتىش كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە ئۆزگەرتىلگەن كەپىلىك مەھەللە 12 مىليوندىن ئاشتى، ئون نەچچە مىليون كىشىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتە بىر قەدەر ئۈنۈملۈك يول ئېچىلدى.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش شەھەر بازارلاشتۇرۇشتىكى بىر مۇھىم ئۆتكەل، شەھەر ئىچىدىكى ئىككى قۇتۇپلۇق قۇرۇلمىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىرى. بىر تەرەپتە ئېگىز بىنا، بىر تەرەپتە پاكا پاكا كەپىلىك مەھەللىلەر بولسا بولمايدۇ. بۇ خىل ئىككى قۇتۇپلۇق قۇرۇلما تۈگىتىلمىسە، شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىدىن سۆز ئېچىشقا بولمايدۇ. شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ يادروسى ئادەم. كەپىلىك مەھەللىلەردىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش چوڭ ئىش، ھۆكۈمەت خەلق رايىغا بېقىپ، بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشى، ئاممىنى كەپىلىك ئۆيلەردىن ئازادە ئۆيلەرگە كۆچۈرۈشى كېرەك. كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ھەم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھەم تەرەققىيات قۇرۇلۇشى، ئۇ زور ئىچكى ئېھتىياج ھاسىل قىلىدۇ، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەشكىمۇ پايدىلىق، شۇنداقلا كۆپ جەھەتكە تۈرتكە بولۇشتەك كۆپ خىل ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىندا ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا شەرق قىسىمىدىكى رايونلاردا نۇرغۇن قېتىم تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلدى، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، جەزمەن زىچ پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتە مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت باش يېتەكچى بولۇش، بازار ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىش، كۆپ تەرەپ قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت، بازار ۋە خەلق ئاممىسى بىرلىشىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يەرلىك ئىنكاس قىلغان كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتىكى مەبلەغ جۇغلاش، يەر بىلەن تەمىنلەش، مەمۇرىي جەھەتتىن قاراپ چىقىپ تەستىقلاش قاتارلىق دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مەركەز كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىشى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغىمۇ مۇشۇ جەھەتكە يۈزلىنىشى كېرەك.



مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە