باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: پەرزەنتسىز قالغان ياشانغانلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېقىلىدۇ

2013.02.16 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ئاۋازى «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پىروگراممىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن چاغانلىق دەم ئېلىش ئاخىرلىشىپ، بىر قىسىم ئالاھىدە ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەڭگۈ ئۆيگە قايتالماسلىقى سەۋەبىدىن ئازابلانغان، ئۇلار «پەرزەنتسىز قالغان ئائىلىلەر» دەپ ئاتالغان. نوپۇسشۇناسلارنىڭ مۆلچەرىچە، مەملىكىتىمىزدە پەرزەنتسىز قالغان ئائىلىلەر كەلگۈسىدە ئون مىليونغا يېتىدىكەن. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، پەرزەنتسىز قالغان قېرىلارنىڭ «ئەمگەك ئىقتىدارى يوق، كىرىم مەنبەسى يوق، باققۇچىسى ۋە قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار»نى بېقىش ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدە يىلىغا 76 مىڭ پەرزەنتسىز قالغان ئائىلە يېڭىدىن كۆپىيىدىكەن. دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغان ئائىلىلەردىكى ياشانغانلار بېقىش ۋە يۆلەشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇئاۋىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى دوۋ يۈپېي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بىر تۇتاش تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  جۇڭگودا تەنھا ئائىلىلەر 10 مىليونغا يەتتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە