باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاۋشيەننىڭ 3-قېتىملىق يادرو سىنىقى ئېلىمىز مۇھىتى ۋە ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمىدى

2013.02.16 13:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چېگرا رايونلار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى يېقىندىن تەكشۈرۈش، رادىياتسىيەلىك مۇھىتنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ 3-قېتىملىق يادرو سىنىقى ئېلىمىز مۇھىتى ۋە ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن، ئېلىمىزدە يادرو سىنىقىدىن پەيدا بولغان سۈنئىي رادىيو ئاكتىپ ماددىلار تېخى بايقالمىغان. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى 14-فېۋرال مۇنداق دېدى:14-فېۋرال سائەت 11 گىچە، شەرقىي شىمالدىكى چېگرا رايون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ئاتموسفىراسىدىكى ئېرىگەن كوللوئىد ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈشتە سۈنئىي رادىيو ئاكتىپلىق ماددىلار بايقالمىدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 150 نەچچە رادىياتسىيەلىك مۇھىتنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش پونكىتى مۇھىتنىڭ رادىياتسىيەلىنىش سەۋىيەسىنى 24 سائەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھاۋانىڭ سۈمۈرۈش نىسبىتىنىڭ نورمال ھالەتتە ئىكەنلىكى ئۆلچەپ چىقتى.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى جۇڭگو چاۋشيەن چېگراسىدىكى رادىياتسىيەلىك مۇھىتنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ۋە يۆتكىلىپ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىشلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇچۇرنى يەنىمۇ ئاشكارىلاپ، رادىياتسىيەلىك مۇھىتنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئۇندىن باشقا يەنە ھاۋارايى سانلىق مەلۇماتى، رادىياتسىيەنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھەرۋاقىت ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە