باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە تاشيول قاتنىشى بىخەتەر، راۋان بولدى

2013.02.16 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: يىغما خەۋەرگە قارىغاندا، بۈگۈن دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ 7-كۈنى بولۇپ، چاغان ئالتۇن ھەپتىسى دەم ئېلىشى ئاياغلاشقان. بۈگۈن سائەت نۆلدىن تارتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېز سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەقسىز يۈرۈش توختىتىلىپ، نورمال ھەقلىق قاتناش ئەسلىگە كەلگەن. چاغان ئالتۇن ھەپتىسىدە، جۇڭگودىكى تاشيول، سۇ يوللىرىدا توشۇلغان يولۇچى 399 مىليون ئادەم قېتىمغا، ھاۋا يوللىرىدا توشۇلغان يولۇچى ئالتە مىليون 421 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

  چاغانلىق قاتناش باشلانغاندىن بۇيان، تۆمۈريولدا توشۇلغان يولۇچى يۈز مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، قايتقان يولۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەر يۇقىرى دولقۇنغا چىقتى. 13-فېۋرالدىكى چاغانلىق قاتناشنىڭ 19-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريوللاردا توشۇلغان يولۇچى يۈز مىليون 221 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەھەتتە، بۇ يىل 9-فېۋرالدىن 15-فېۋرالغىچە بولغان چاغان ئالتۇن ھەپتىسىدە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەمئىي 48 مىڭ 792 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىشقا سالغان بولۇپ، %18.3 ئاشقان؛ توشۇلغان ساياھەتچى ئالتە مىليون 421 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، %18 ئاشقان. تۈنۈگۈن-چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى شۇنداقلا چاغان مەزگىلىدىكى كىچىك ماشىنىلار ھەقسىز يول يۈرگەن ئاخىرقى كۈنى. بۇ يىل چاغان-يەتتە كىشىلىك ياكى ئۇنىڭدىن ئاز ئادەم پاتىدىغان كىچىك ماشىنىلار ھەقسىز يول يۈرۈش يولغا قويۇلغان تۇنجى چاغان. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەقلىق تاشيوللاردا كىچىك ماشىنىلاردىن ئېلىنىدىغان يول يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولدى، ھەر قايسى تېز سۈرئەتلىك تاشيول، دۆلەت، ئۆلكە غول تاشيوللىرى، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ كىرىپ چىقىش ئېغىزلىرى ۋە ئاساسلىق ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەرمىدى.

  چاغان ئالتۇن ھەپتىسىدە، جۇڭگونىڭ تاشيول، سۇ يوللىرىدا 399 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى بىخەتەر توشۇلدى. چاغان مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق تېز سۈرئەتلىك تاشيول تورى ۋە دۆلەت، ئۆلكە غول تاشيوللىرى ئومۇمىي جەھەتتىن راۋان بولدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردىن ئايان بولۇشىچە، 9-فېۋرالدىن 15-فېۋرالغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يول قاتنىشى ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلار، يارىلانغانلار بۇلتۇر چاغانلىق دەم ئېلىشقا سېلىشتۇرغاندا، ئايرىم-ئايرىم %48.6 ۋە %55 ئازايغان، بىر قېتىمدا بەشتىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ۋەقە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.1 ئازايغان، بىر قېتىمدا ئوندىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ئېغىر ۋەقە يۈز بەرمىگەن. تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، چاغان مەزگىلىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشتىن ئۈچ مىليون 690 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش 860 مىڭ، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش 9700، چارچاپ ماشىنا ھەيدەش 23 مىڭ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش 6800 بولغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق دېدى: ھەقسىز يول يۈرۈش مەزگىلىدە، ھەر قايسى ھەقلىق تاشيوللاردىكى قاتناش تەكشى، راۋان بولدى، 9-فېۋرال يۇرتلىرىغا بېرىش ھەم 15-فېۋرال يۇرتلىرىدىن قايتىش يۇقىرى دولقۇنىدا، يول قاتنىشى ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقى، ئېغىر قاتناش ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە