باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كارىزنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارى %20ئاشتى

2013.02.07 16:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالدىنقى مەزگىل رېمونت قىلىش ئارقىلىق، ھازىر ساقلىنىۋاتقان كارىزنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارى %20ئاشتى. نۆۋەتتە ئۈچ باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش داۋاملاشماقتا.

  «يەر ئاستى قانىلى» دەپ ئاتالغان كارىز قەدىمىي سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەسى بولۇپلا قالماستىن يەنە بىر تۈرلۈك ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ، دۆلەتلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنىغا كىرىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بىرى رېمونت قىلىنماسلىق، توسۇلۇپ قىلىش ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقتىن، نۇرغۇنلىرىدا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى ساقلانغان. بۇنىڭدىن باشقا، كارىزنىڭ سۇ مەنبە يىرى ۋە سۇغۇرۇش رايونلىرىدا زىيادە ماشىنىلىق قۇدۇق قېزىش سەۋەبلىك يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۇ چىنى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، نۇرغۇن كارىز تەدرىجىي قۇرۇپ كەتتى.

  قەدىمى سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، 2009-يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 30مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كارىزنى قوغداش ۋە پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە كارىزنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلىغان ئاساستا، 54 كارىزدا تازىلاش، مۇستەھكەملەش، قۇدۇق ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق قوغداش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر