باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈ جېڭشېڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2013.02.06 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ 4-فېۋرال چۈشتىن كېيىن مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى جۇڭنەنخەيگە تەكلىپ قىلىپ سۆھبەتلەشتى، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش سېكرېتارى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن دىنىي ساھەدىكى ئەربابلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىغا چاغانلىق سالام يوللىدى.

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 4-يانۋار تېلېگراممىسى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ 4-فېۋرال چۈشتىن كېيىن مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى جۇڭنەنخەيگە تەكلىپ قىلىپ سۆھبەتلەشتى، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن دىنىي ساھەدىكى ئەربابلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىغا چاغانلىق سالام يوللىدى.

  يۈ جېڭشېڭ ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2012-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە تىرىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى تەڭ يېڭىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا مۇقىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدى ۋە قوغدالدى، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تېخىمۇ تۈزۈملەشتۈرۈلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى، ھەرقايسى دىنلار مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش پىرىنىسىپىدا چىڭ تۇردى، پارتىيە ۋە دىنىي ساھەنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، دىنىي ساھەدىكى ئەربابلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئامما تىرىشىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئۆز رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇردى. ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلار نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىتلار يارىتىلدى.

  يۈ جېڭشېڭ ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆز-ئۆزىنى قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە قائىدە-تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوتتۇرا ياش دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئۇلارنى لاياقەتلىك دىنىي ئەربابلاردىن قىلىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.ئۇ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەردىن دىنىي خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، دىنىي پائالىيەتلەرگە پايدىلىق بولغان دائىرىلىك، تەرتىپلىك ئەۋزەل قانۇن-تۈزۈم مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  مۇئاۋىن باش مىنىستىر خۇي لياڭيۈ، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىڭ جىخۇا قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈەنيىن، جۇڭگو تەرىقەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى رېن فارۇڭ، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن گۇاڭيۈەن، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فاڭ شىڭياۋ، جۇڭگو كاتولىك دىنى ئېپىسكوپ ئۆمىكىنىڭ رەئىسى ما يىڭلىن، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى «ئۈچتە ئەركىن» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بو شيەنۋېي، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گاۋ فېڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە