باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت باج باش ئىدارىسى: ئېغىر كېسەللەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى پۇلىدىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش كېرەك

2013.02.05 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت مەھكىمىسى 4-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەخسلەرنىڭ ئېغىر كېسەلگە تاپشۇرىدىغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى شەخسىي تاپاۋەت بېجىدىن بۇرۇن تۇتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدىن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش لازىم.

  باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى مەھكىمىسى يېقىندا رەسمىي تور بېكىتى ئارقىلىق يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيانقى باج تاپشۇرۇشقا ئالاقىدار قىزىق نۇقتا سوئاللىرىغا يەنە بىر قېتىم جاۋاب بەردى. بەزى باج تاپشۇرغۇچىلار، شەخسلەر ئېغىر كېسەل ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان داۋالاش سۇغۇرتىسىنى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىشقا بولامدۇ؟ دەپ سورىغان.

  باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئورۇنلار شەخسلەر ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان ۋە شەخسلەر ئۆزى تاپشۇرىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قاتارلىق ھەقلەر باج تاپشۇرۇش مەسئۇلىيىتى بارلارنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋىتىدىن تۇتۇپ قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە