باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى ئوتتۇرا ، غەربىي ئاسىيا خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىدە 15-فېۋرالغىچە ئۇچۇشنى توختىدىكەن

2013.02.06 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان مەزگىلىدە، قىسمەن خەلقئارالىق پورتلار تاقىلىدۇ، جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن غەربىي، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 12 دۆلەتكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى چاغاندىن بىر ھەپتە بۇرۇندىن باشلاپ 15-فېۋرالغىچە قاتناشنى توختىتىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9-فېۋرالدىن 14-فېۋرالغىچە، قىسمەن خەلقئارا پورتلاردا يولۇچىلار ترانسىپورتى توختىتىلىدىكەن.

  جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئۈرۈمچى ـ موسكۋا، نوۋوسىبىرىسكى، بېشكەك، ئىسلامئاباد، ئاستانە، ئاشخاباد، دۈشەنبە، باكۇ، تاشكەنت، خۇجەندې، ئوش، تىفلىس قاتارلىق ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىدە قاتناش قىسقا ۋاقىت توختىتىلىدىكەن.15-فېۋرال ئەتراپىدا، ئۈرۈمچىدىن ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىياغا ئۇچىدىغان خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە لىنيەلىرىدە كەينى ـ كەينىدىن ئەسلىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇچۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە