باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا گەنسۇغا بېرىپ ھەر مىللەت ئاممىسىنى يوقلىدى(1)

2013.02.06 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:چاغان يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-فېۋرالدىن 5-فېۋرالغىچە، گەنسۇغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىنى يوقلىدى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چاغانلىق ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ سەنيۈن، ئۆلكە باشلىقى ليۇ ۋېيپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جيۇچۈەن، دىڭشى، لىنشيا، لەنجۇ قاتارلىق جايلاردا يېزا-كەنتلەر، كارخانىلار، مەھەللىلەرگە بېرىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، غەربى رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  گەنسۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، دىڭشى، لىنشيا قاتارلىق جايلار يەنىلا تۇتاشما نامرات رايونلار. شى جىنپىڭ بۇ يەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دېڭىز يۈزىدىن 2400 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى دىڭشى شەھىرى ۋېييۈەن ناھىيەسى يۈەنگۇدۈي كەنتى ۋە دېڭىز يۈزىدىن 1900 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دوڭشياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بۇلېڭگۇ كەنتىگە بېرىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىدى، يۇرتداشلار بىلەن قول ئېلىشىپ ھال-ئەھۋال سوراشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت ئەھمىيەت بېرىدۇ، چوقۇم يۇرتداشلارنى تېخىمۇ قوللايدۇ ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە