باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىستىلنى ياخشىلاپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2013.02.05 17:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىدا جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە قىلغان سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى
  شىنجېڭ خەۋىرى: ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە ئائىت خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىغا قويغان ئېنىق تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. بىرىنچى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى 1 – سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، ئىدىيە، ئېتىقادنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مەركەزنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىشنى ھۆكۈمەتتىن، بەنگۇڭتىڭدىن باشلاپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئومۇمىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، تەقسىم قىلىنغان خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىندىن ماسلىشىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ ئىناق، ئازادە، ئىتتىپاقلىشىپ بىللە ئىشلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك. تۆتىنچى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى ۋە جەمئىيەت نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بېكىتىلگەن ھوقۇق ۋە تەرتىپ بويىچە ھوقۇقنى قاتتىق يۈرگۈزۈپ، مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، مەمۇرىيەتنى پاك يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە ئىشتا تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسراپچىلىق قىلىش، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىش شامىلىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ياخشى ئوبرازنى تىكلەش كېرەك. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىدە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ساداسى ۋە تەلىپى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان ئىشەنچى تولۇق نامايان قىلىنغان. ھەردەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە تارماقلار بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹ۋەكىللەر قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مۆھلەت تەلىپى بويىچە ۋاقتىدا بېجىرىپ، ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەربىر تەكلىپكە جاۋاب قايتۇرۇش، ھەربىر ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھەرمىللەت خەلقنى رازى قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە