باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو–قازاقىستان قورغاس چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تۇنجى تۈرى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەتكە كىرىشتى

2013.02.05 17:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قورغاس جياڭيۈەن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى يى ۋەنشىن مۇنداق دېدى: ‹‹22 – يانۋاردىن باشلاپ جياڭيۈەن خەلقئارا مال سېتىۋېلىش مەيدانىدا سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاندى، بىر قىسىم سودىگەرلەر ئورۇنلىشىپ بولدى، ھازىر بازارنىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى تەڭشەۋاتىمىز››. ئىگىلىنىشىچە، بۇ، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تۇنجى تىجارەت تۈرى ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، جياڭيۈەن خەلقئارا مال سېتىۋېلىش مەيدانى مەزكۇر شىركەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان خەلقئارا زامانىۋى مەيدان تۈرىنىڭ تۇنجى قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىكەن. زامانىۋى مەيدان قورغاس بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 51.49 مو كېلىدىكەن، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش خەلقئارا سودا مەركىزى ۋە خەلقئارا يېمەك – ئىچمەك مەيدانىغا جايلىشىدىكەن، قۇرۇلۇشنى ئۈچ يىلدا پۈتكۈزۈش پىلانلىنىپتۇ. يى ۋەنشىن: ‹‹بىز بۇ تۈرنى ھەمكارلىق مەركىزىدىكى كىچىك CBD (مەركىزىي سودا رايونى) قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگو ۋە قازاقىستان ئىككى دۆلەت سودىگەرلىرى ۋە ساياھەتچىلىرىنى ياتاق، مال سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز›› دېدى.

  جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ئېلىمىزنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن قۇرغان تۇنجى خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى رايونلار ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى. ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو – قازاقىستان چېگرا دەرياسىنى بويلاپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننى كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 5.28 كىۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو تەۋەسىدىكىسى 3.43 كىۋادرات كىلومېتىر، قازاقىستان تەۋەسىدىكىسى 1.85 كىلومېتىر كېلىدۇ. مەركىزىي رايونلار مەخسۇس يول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان. مەركەز يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدۇ.

  ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جەنۇبىدا قۇرۇلغان جۇڭگو تەرەپنىڭ يۈرۈشلۈك رايونىنىڭ پىلاندىكى كۆلىمى 9.73 كىۋادرات كىلومېتىر، بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى ئېكسپورت قىلىش، پىششىقلاش، ئەشيا ئوبوروتىدىن باج ئېلىش، ماللارنى ئامباردا ساقلاش ۋە توشۇش.

  قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ يانوڭ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق مەركىزى 2012 – يىلى بىرلەشمە يىغىن ئېچىش، ماددىي ئەشيالارنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش چارىسىنى ئېلان قىلىش، 24 سائەت قاتناشنى يولغا قويۇش، تور بىلەن قورشاپ ئايرىۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تىجارەت باشلىغاندىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر 24 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 18 تۈردە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، سېلىنغان مەبلەغنىڭ 2 مىليارد 200 مىليون يۈەنى ئورۇندىلىپ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە