باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چۇشيوڭ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سابىق باشلىقى ياڭ خوڭۋېي مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2013.02.06 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:يۈننەن ئۆلكىلىك دالى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يۈننەن ئۆلكىسى چۇشيوڭ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سابىق باشلىقى ياڭ خوڭۋېينىڭ ئىلگىرى پارا ئالغانلىق، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىك دېلوسى ئۈستىدىن بىرىنچى سوتتا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش ھۆكۈمى چىقىرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى، ھەمدە شەخسىي بارلىق مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى.

  ئەيىبلىگۈچى ئورگاننىڭ ئەيىبلىشىگە قارىغاندا, ياڭ خوڭۋېي خۇڭخې ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، چۇ شيوڭ ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئوبلاست باشلىقى بولغان مەزگىلدە خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش، قەرز پۇلنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىش تۈرلىرىدە ئالاقىدار شىركەت ۋە ئۆزىنىڭ پايدىسىنى كۆزلەپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۆزى ياكى ئايالى بىلەن بىرلىكتە توققۇز مىليون 790 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى، 47 مىڭ 800 دوللار، 30 مىڭ شياڭگاڭ پۇلى، 10 مىڭ ئاۋىستىرائىلىيە دوللىرى ۋە ئالتۇن، ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك قاتارلىق قىممەت بويۇملاردىن خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 180 نەچچە مىڭ يۈەن پارا ئالغان. خەلق سوت مەھكىمىسى ياڭ خوڭۋېينىڭ قىلمىشى پارا ئېلىش ۋە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارىدى. ئىگىلىنىشىچە، ياڭ خوڭۋېي ھۆكۈمگە قايىل بولماي يۇقىرىغا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە