ۋاڭ چىشەن ئەنگلىيە جاردايىن ماتزىسون گۇرۇھىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى
2013.02.06 14:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنستىرى ۋاڭ چىشەن تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە ئەنگلىيە جاردايىن ماتزىسون گۇرۇھىنىڭ رەئىسى، كىنەز ھېنرى كاسۋىك بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى، جۇڭگو ئەنگلىيە ئىقتىساد ھەمكارلىقى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە