باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت 120دىن ئارتۇق جىنايەت دېلوسىنى پاش قىلدى

2013.02.05 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەنن خەۋىرى: ج خ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇشى: 25-يانۋار ج خ مىنىستىرلىقى «يېمەكلىك جىنايىتىگە زەربە بېرىپ، تاماق ئۈستىلى بىخەتەرلىكىنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن بۇيان، ج خ ئورگانلىرى قاتتىق زەربە بېرىش ئارقىلىق زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنگە قەدەر، جايلاردا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت 120دىن ئارتۇق جىنايەت دېلوسى مەركەزلىك پاش قىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 350دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنغان، زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان 220دىن ئارتۇق «قاراڭغۇ مەيدان»، «قاراڭغۇ زاۋۇت»، «قاراڭغۇ ئۇۋا» بىتچىت قىلىنىپ، بىر تۈركۈم زەھەرلىك، زىيانلىق «قارا نىيەت يېمەكلىكلەر» تازىلانغان. (مۇخبىر خۇاڭ چىڭچاڭ؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە