ئامېرىكا ساقچى دائىرلىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى «ئامېرىكا ئارمىيەسى تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس مەرگەن» دەپ نام ئالغان ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ سابىق قالتىس مەرگىنى كرىس كىلې ۋە ئۇنىڭ قوشنىسى تېكساس شتاتىنىڭ شىمالىدىكى بىر قارىغا ئېتىش مەيدانىدا ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەن 25 ياشلىق ئېددى راي روت تەرىپىدىن يېقىن ئارىلىقتىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، گۇماندار ئۆلگۈچىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ قېچىپ كېتىۋاتقاندا قولغا چۈشكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، كىلې بۇ يىل 38 ياشتا بولۇپ، 4 قېتىم ئىراقتا ۋە باشقا جەڭ مەيدانىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلغان، 255 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى مۇئەييەنلەشتۈرگىنى 160 ئادەم ئىكەن. ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى 1-نومۇرلۇق مەرگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ «ئەڭ قالتىس مەرگىنى» دەپ نام ئالغانىكەن.