باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

بىر قىسىم ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىش مەخپىي ئۇچرىشىش ئورنى بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا يۆتكەلدى

ماۋتەينىڭ سېتىلىشى ئەڭ كۆپ بولدى

2013.02.05 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، يىللىق يىغىندا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى، ھەشەمەتلىك يىللىق يىغىنغا خاتىمە بېرىلمەي تۇرۇپ، تېجەشلىك يىللىق يىغىن ئېچىش ئاۋازى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى جامەئەت پىكرى ۋە جامائەتچىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لېي:«بىر قىسىم ئورگان، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھەشەمەتلىك يىللىق يىغىن ئۆتكۈزۈشى ئەمەلىيەتتە بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلار، داڭلىق ھاراق، داڭلىق سەي، ناخشا-ئۇسسۇل تۈرىدىكى بۇ خىل ئىقتىساد، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئالامەتلىك كاپىتالنى ئىستېمال قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق ۋە ئورنىنى نامايان قىلغانلىق دېدى.

  بىر قىسىم ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىش مەخپىلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سورۇن، بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا يۆتكىلىپ، «ئاشكارا يىيىش»نىڭ «مەخپىي يىيىش» كە ئۆزگىرىشى يىللىق يىغىن ۋە زىياپەتلەرنىڭ «تېجەشلىك بولۇشقا مەجبۇرلىنىشى»نى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇ پەقەت ۋەزىيەتنىڭ خەتىرىدىن قۇتۇلۇش قىلمىشى ھەرگىزمۇ ئۆزلۈكىدىن تېجەشلىك بولغانلىق ئەمەس. مانا بۇلار خەلقنىڭ ئەندىشىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. بەزى تورداشلار، ئۇنى-بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياخشى ئىش، ئەمما ئۇنى باشقا بىر خىل ئوبراز قۇرۇلۇشى ياكى نۇمۇر كۆرسىتىشكە ئايلاندۇرۇپ قويماستىن، مۇھىمى ئىچكى تونۇشنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە