- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ھىندىستانلىق يوغان سەللىلىك ئەر
2013.01.31 14:53 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ھىندىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى بىر ئەر بېشىغا يوغان سەللە ئوراپ كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان . بۇ ئەر بېشىغا يۆگىگەن سەللىنىڭ ئېغىرلىقى 76 كىلوگىرام بولۇپ ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1.2 مېتىر كېلىدىكەن . ئۇ دائىم قارىماققا ئادەمنى ناھايىتى چارچىتىدىغان ئېغىر سەللىنى كۆتۈرۈپ ، جاھان كېزىپ ، تىنچلىقنى تەشۋىق قىلىدىكەن .
48 ياشلىق بابا مەستانە مۇنداق دېگەن : « سەللەم مېنىڭ دۇنياغا تارتقاتقان زوراۋانلىقتىن خالىي ، تىنچ تۇرمۇشنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئۇچۇر» .
ئىگىلىنىشىچە ، ھەر كۈنى ئاخشىمى بابا مەستانىنىڭ شاگىرتى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ، بېشىغا يۆگەكلىك 183 مېتىر ئۇزۇنلۇقىتىكى سەللىنى ئېلىشىپ بېرىدىكەن ، ئەتىسى سەھەردە قايتىدىن يۆگىشىپ بېرىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە