باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى توققۇز مىڭدىن ئاشىدۇ

2013.02.06 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 5-فېۋرال چاقىرىلغان 2013-يىللىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش سىنلىق يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى 9 مىڭدىن ئاشىدىكەن، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرىلارغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى 8700گە يېتىدىكەن، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىش ھەمكارلىق پىلانى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يەنىمۇ كېڭەيتىلىدىكەن.

  2012-يىللىق، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپلىرىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى سانى 110 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 8330 نەپەر، ھەمكارلىق پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 8275 نەپەر، ئىچكىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 7400 نەپەر، ئىچكىرىدىكى كەسپىي تېخنىكا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى 3300 ئەتراپىدا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاساسلىقى دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەتنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە دېھقان چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %76يە يېتىدۇ، ئىچكىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە دېھقان ـ چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئۇدا بەش يىل %90نى ساقلاپ كەلگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە