- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ليۇ يەندۇڭ قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
2013.02.01 15:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت كومىسسارى ليۇ يەندۇڭ 31-يانۋار چۈشتىن كېيىن قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سارباشىۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ياخشى قوشنىلار، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرگە ئىگە. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ بۇ يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بېشكەك باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى پائال قوللايدۇ، قىرغىزىستان بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تېخىمۇ پۇختا سىياسىي، ماددىي، ئەلرايى ئاساسى سېلىشنى خالايدۇ.
سارباشىۋ مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە