باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

دۇنيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئون پادىشاھ

2013.02.04 09:30         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلئەزىز. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن پادىشاھ بولۇپ، 1924-يىلى 1-ئاۋغۇست تۇغۇلغان، ھازىر 88 ياشقا كىرگەن، تەختتە يەتتە يىل ئولتۇرغان.

  2. ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت ئىككىنچى. ئۇ 1926-يىلى 21-ئاپرېل تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر 86 ياشقا كىرگەن، تەختتە ئولتۇرغىنىغا 60 يىل بولغان.

  3. مالايشىيا ئالىي دۆلەت باشلىقى ئابدۇللاھ ھەلىم موئەزىم شائا. 1927-يىلى 30-ئۆكتەبىر تۇغۇلغان. ھازىر 85 ياش بولۇپ، 2011-يىلى ئىككىنچى قېتىم ئالىي دۆلەت باشلىقىلىق ئورنىغا ئولتۇرغان.

  4. تايلاند پادىشاھى مىۋىڭ ئادودى. مالايشىيا ئالىي دۆلەت باشلىقىدىن بەش كۈنلۈكلا كىچىك بولۇپ، ھازىر 85 ياشقا كىرگەن. ئادودى دۇنيا بويىچە تەختتە ئەڭ ئۇزاق ئولتۇرغان پادىشاھ. بۇ يىل 5-مايدا ئۇنىڭ تەختتە ئولتۇرغىنىغا 63 يىل بولىدۇ.

  5. كۇۋەيت ئەمرى شەيىخ ساباھ ئەھمەد جەبىرى ساباھ 1929-يىلى 17-ئىيۇن تۇغۇلغان بولۇپ، 2006-يىلى يانۋار تەختكە چىققان.

  6. ياپونىيە پادىشاھى مېڭرىن 1933-يىلى 23-دېكابىر تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر 79 ياشقا كىرگەن. ئۇ 1990-يىلى نويابىردا تەختكە چىققان.

  7. بىلگىيە پادىشاھى ئاربى ئىككىنچى. ئۇ ياۋروپادىكى يەنە بىر يېشى چوڭ پادىشاھ بولۇپ، 1934-يىلى 6-ئىيۇن تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر 78 ياشقا كىرگەن. بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئۇنىڭ تەختكە چىققىنىغا 20 يىل بولىدۇ.

  8. نورۋىگىيە پادىشاھى خالار ۋى. ئۇ 1937-يىلى 21-فېۋرال تۇغۇلغان، 1991-يىلى تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ، پات ئارىدا 76 ياشقا كىرىدۇ.

  9. ئىسپانىيە پادىشاھى خۇئان كارلوس. ئۇ 1938-يىلى 5-يانۋار تۇغۇلغان، ھازىر 75 ياشقا كىرگەن، تەختتە 37 يىل ئولتۇرغان.

  10. گوللاندىيە ئايال پادىشاھى بياترېكىس 1938-يىلى 31-يانۋار تۇغۇلغان. 75 ياشلىق بياترېكىس 28-يانۋار تەختنى چوڭ ئوغلى ۋەلىئەھدى ۋېليامغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

  ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە