باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو نېفېت سانائىتى شىركىتى نېفېت كارخانىلىرىنىڭ تۇمانلىق ھاۋادا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

دۆلەت ئۆلچىمى بەك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

2013.02.01 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈتەك-تۇمانلىق ھاۋارايىنىڭ بىر قانچە قېتىم كۆرۈلۈشى جۇڭگونىڭ نېفېت كارخانىلىرىنى يار تۈۋىگە قىستاپ قويدى، ئەمما جۇڭگو نېفېت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھ شىركىتى باش سەۋەبكارلىق گۇمانىغا ئېتىراز بىلدۈرگەندىن كېيىن، تىغ ئۇچىنى دۆلەتنىڭ نېفېت مەھسۇلاتلىرى ئۆلچىمىگە قاراتتى.

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى، جۇڭگو نېفېت سانائىتى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى فۇ چېڭيۈ بېيجىڭدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، نېفېت چەككىلەش كارخانىلىرى تۈتەكلىك ھاۋارايىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىدىن بىرى، ئەمما بۇنداق بولۇشى ھەرگىزمۇ نېفېت كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ يېتىشەلمەسلىكىدىن، پەقەت بېيجىڭدىلا گۈڭگۈرت مىقدارى pmm10 دىن تۆۋەن بولۇش ئۆلچىمى يولغا قويۇلغان، ئەمما پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك pmm150 لىك ئۆلچەم يولغا قويۇلغان. ئۆلچەم يوقىرى كۆتۈرۈلمىسە، ئەسلىھە ئۆزگەرتىشكە ئىمكان بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە