باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى يىچاڭ كۆۋرۈكىنىڭ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارغا ئوخشاش ئۆلچەم بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ

2013.02.05 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى يىچاڭ كۆۋرۈكىنىڭ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى نەق مەيدانىغا قوماندانلىق قىلىش ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، 10 نەپەر قازا قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلىپ، قوماندانلىق ئىشتابى قازا قىلغۇچىلارنى تونۇۋېلىش ئۈچۈن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلغان.

  نۆۋەتتە ھادىسىنى تەكشۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇندىكى ھۆكۈمەت «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلىمى دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى»گە ئاساسەن، تۆلەم پۇلىنى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە بىرتۇتاش ئالدىن بېرىشنى قارار قىلدى. نۆۋەتتە قالدۇق ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا. (مۇخبىر شۇاڭ رۈي، لى يانەن؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە