باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئۈستى ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىدى

2013.02.05 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: كورېيە ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 2-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كورېيە بىلەن ئامېرىكا 4-فېۋرال پوخان ئەتراپىدىكى شەرقى دېڭىزدا ئۈچ كۈنلۈك ئۇنىۋېرسال دېڭىز ئۈستى مانېۋىرىنى باشلىدى، ئىككى تەرەپ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە ئايگىسۇ پاراخوتى قاتارلىق ئۇرۇش كۈچىنى ئىشقا سېلىپ مانېۋىر ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى مانېۋىردا كورېيە بىلەن ئامېرىكا دائىرىلىرى ئاساسلىقى سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇش مەشىقى، پاراخوتتىن پاراخوتقا، پاراخوتتىن بوشلۇقتىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش مانېۋىرى ، دېڭىز ئۈستى تاكتىكىسى مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ.

  خەۋەردە تەھلىل قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ئۈچىنچى قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارماقچى بولىۋاتقان ئەھۋالدا، كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم دېڭىز ئۈستى مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشى چاۋشيەنگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، چاۋشيەنگە ھەيۋە كۆرسىتىش دەپ قاراشقا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە