باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 30 كىشى قازا قىلدى، 70 كىشى يارىلاندى

2013.02.05 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ئىراق ساقچى تەرەپنىڭ تۈنۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە: سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ قوراللىق كىشىلەر شۇ كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم بازار كىركوك شەھىرىدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باش ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلغان. ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 30 كىشى قازا قىلغان، ئۇندىن باشقا 70 كىشى يارىلانغان.

  بىر ساقچى ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ھۇجۇم قىلغۇچىلار پارتلىتىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا رايونىغا كىردى ھەمدە ساقچى ئىدارىسىنى ئىگىلىمەكچى بولدى. ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن ساقچى ئىدارىسىغا كىرىش ئېغىزىدا ئۆزىنى قوشۇپ ماشىنا بومبا پارتلاتقان. ئۇندىن باشقا يەنە بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى بومبىنى بەدىنىگە تېڭىپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقان، كۆپلىگەن ھۇجۇم قىلغۇچىلار پارتلىتىشنىڭ ھىمايىسى ئارقىسىدا ئىشخانا رايونىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان.

  بۇ ساقچى ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ھازىرچە يارىلانغانلارنىڭ ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش تەس، يارىلانغانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ بىر قىسىم كىشىلەر ئېغىر يارلانغانلىقتىن، قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپىيىشى مۇمكىنكەن.

  نۆۋەتتە، بىرەر تەشكىلات ياكى شەخس بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە