باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت ئىشى يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالى جىددىي تۆۋەنلىدى

2013.02.06 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 12 يېمەك-ئىچمەك كارخانىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىنكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ھۆكۈمەت ئىشى يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئاممىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى تەسىرگە ئۇچرىمىغان.

  تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 12 يېمەك-ئىچمەك كارخانىسى شۇ جايدىكى بىر قەدەر چوڭ يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى نۇرباغ يېڭى دەۋر مېھمانسارىيىنىڭ تىجارەت سوممىسى %30 تۆۋەنلىگەن، يىغىنغا قاتناشقانلارنى كۈتۈۋېلىش سوممىسى %70 تۆۋەنلىگەن، قىممەت باھالىق ھاراق ئىستېمال سوممىسى %80 تۆۋەنلىگەن.

  ھۆكۈمەت ئىشى يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ جىددىي چۈشۈشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىستېمال سەۋىيە نىسپىي ئۆرلىگەن .شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تەھلىلىچە، خېرىدارلارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يېمەك-ئىچمەك كارخانىسىدىن ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىغا يۈزلىنىشى سەۋەبلىك، قىسمەن ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى تىجارەت سوممىسى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە