باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە بىلەن روسىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2013.02.05 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: ياپونىيە بىلەن روسىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى چاۋشيەننىڭ 3-قېتىملىق يادرو سىنىقى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ جىددىيلىشىۋاتقان بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى ھەمدە ياپونىيە بىلەن روسىيە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئارالنى ئاساس قىلغان ياپونىيە روسىيە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە 4-فېۋرال موسكۋادا مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى دەرىجىلىك سىتىراتىگىيىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى شىنزو ئابىنىڭ روسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى توغرىسىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن ھەمدە ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى مورى يوشىرونى باش ۋەزىرنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سالاھىيىتىدە موسكۋادا زىيارەتتە ئەۋەتىشنى ماسلاشتۇرغان. سۆھبەتكە قاتناشقان ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى مۇئاۋىن ئەمەلدارى چىكاۋ كاۋاي مۇنداق دېدى:ياپونىيە-روسىيە مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا، باش ۋەزىر شىنزو ئابى ياپونىيە بىلەن روسىيە مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە