- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بۇ يىلقى «مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن»نىڭ ئېچىلىش ۋاقتى بېكىتىلدى
2013.02.06 14:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 2013-يىلى 5-مارت؛ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 3-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسى 2-فېۋرال جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى جۇڭگو بېيجىڭ غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ شىمالىدىكى مېيدىيا مەركىزى (بېيجىڭ فۇشىڭ يولى 11 –B نومۇر)گە ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ «ئىككى يىغىن»نى زىيارەت قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئاخبارات مەركىزى 26-فېۋرالدىن باشلاپ خىزمەتنى رەسمىي باشلايدۇ. ئومۇمەن «ئىككى يىغىن»نى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان مۇخبىرلار زىيارەت قىلىشقا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، زىيارەت ئۇچۇرلىرى ۋە زىيارەتكە ئالاقىدار خەۋەرلەر «ئىككى يىغىن» ئاخبارات مەركىزى تور بېتىدە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ. مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بەت ئادرېسى: 1–12/pc /www.npc.gov.cn//:http
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ئاخبارات مەركىزىنىڭ تور بەت ئادرېسى: cppcc.people.com.cn www. بولۇپ، 1-فېۋرالدىن باشلاپ ئېچىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە