باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت دەرىجىلىك تۇنجى « شەھەر كان مەھسۇلاتلىرى » ئۈلگە بازىسى بايىنغولىن ئوبلاستىغا ماكانلاشتى

2013.02.06 14:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قايتا ھاسىل بولىدىغان بايلىق مەنبەلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش رايونى دۆلەت دەرىجىلىك ‹‹شەھەر كان مەھسۇلاتلىرى››ئۈلگە بازىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلىپ ، بايىنغولىن ئوبلاستىغا ماكانلاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قايتا ھاسىل بولىدىغان بايلىق مەنبەلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش رايونى ئاساسلىقى كېرەكسىز ئاپتوموبىللارنى چۇۋۇپ قايتا قوراشتۇرۇش، كېرەكسىز تۆمۈر، پولاتلارنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش، كېرەكسىز ئېلېكتىر سايمانلىرى، مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەپ قايتا پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان . 2012–يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۆلەت ئىسلاھات–تەرققىيات كومىتېتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى جەمئىي ئۈچ تۈركۈمدە دۆلەت دەرىجىلىك 29 ‹‹شەھەر كان مەھسۇلاتلىرى›› ئۈلگىلىك بازىسىنى بېكىتىپ چىققان بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى بۇ بازا ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  بۇ بازا قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالغان ئوبلاستىلىق ماددىي بۇيۇملاردىن قايتا پايدىلىنىش چەكلىك شىركىتى دۆلەتنىڭ 15 مىليون يۈەن قوللاش مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ، يەنە 103 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە قايتا ھاسىل بولىدىغان بايلىق مەنبەلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش رايونى قۇرۇپ چىقتى. بۇ رايون ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يېڭىدىن ئاشقان قايتا ھاسىل بولىدىغان بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 335 مىڭ توننىغا يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە