- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يۈ جېڭشېڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
2013.02.05 16:57 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ 4-فېۋرال چۈشتىن كېيىن مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى جۇڭنەنخەيگە تەكلىپ قىلىپ سۆھبەتلەشتى ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن دىنىي ساھەدىكى ئەربابلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىغا چاغانلىق سالام يوللىدى.
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 4-يانۋار تېلېگراممىسى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ 4-فېۋرال چۈشتىن كېيىن مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى جۇڭنەنخەيگە تەكلىپ قىلىپ سۆھبەتلەشتى ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن دىنىي ساھەدىكى ئەربابلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىغا چاغانلىق سالام يوللىدى .
يۈ جېڭشېڭ ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2012-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە تىرىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى تەڭ يېڭىپ ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا مۇقىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى ، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى . دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدى ۋە قوغدالدى ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تېخىمۇ تۈزۈملەشتۈرۈلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى ، ھەرقايسى دىنلار مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش پىرىنىسىپىدا چىڭ تۇردى ، پارتىيە ۋە دىنىي ساھەنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى ، دىنىي ساھەدىكى ئەربابلار ۋە دىنغا ئىشىنىدىغان ئامما تىرىشىپ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئۆز رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇردى . ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلار نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىتلار يارىتىلدى .
يۈ جېڭشېڭ ھەرقايسى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆز-ئۆزىنى قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە قائىدە-تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوتتۇرا ياش دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ ، ئۇلارنى لاياقەتلىك دىنىي ئەربابلاردىن قىلىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى .ئۇ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ، ھۆكۈمەتلەردىن دىنىي خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، دىنىي پائالىيەتلەرگە پايدىلىق بولغان دائىرىلىك ، تەرتىپلىك ئەۋزەل قانۇن-تۈزۈم مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى .
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇي لياڭيۈ ، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىڭ جىخۇا قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى . جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈەنيىن ، جۇڭگو تەرىقەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى رېن فارۇڭ ، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن گۇاڭيۈەن ، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فاڭ شىڭياۋ ، جۇڭگو كاتولىك دىنى ئېپىسكوپ ئۆمىكىنىڭ رەئىسى ما يىڭلىن ، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى ‹‹ ئۈچتە ئەركىن ›› ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بو شيەنۋېي ، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گاۋ فېڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە