باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە، ئافغانىستان ۋە پاكىستان ئافغانىستاندا يېرىم يىل ئىچىدە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى

2013.02.05 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون 4-فېۋرال ئۆزىنىڭ لوندوننىڭ شىمالىدىكى تۇرالغۇسىدا ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزائى ۋە پاكىستان پىرېزىدېنتى زەردارى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۈچ تەرەپ تالىباننىڭ ئافغانىستان تىنچلىق سۆھبىتىگە بىۋاستە قاتنىشىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ھەمدە ئافغانىستاندا يېرىم يىل ئىچىدە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  كارزائى بىلەن زەردارى كىلەر يىلنىڭ ئاخىرلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنگەندىن كېيىن بىخەتەرلىكنى ساقلاش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. ئۇلار يەنە ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى بىر تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاپ، سودا ۋە چېگرا رايونلىرىنى باشقۇرۇش مەسلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە