- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئىران ئىسرائىلىيەنى سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
2013.02.05 16:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:سۈرىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىران ئالىي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ كاتىپى جەلىلى 4-فېۋرال دەمەشىقتە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ پەن تەتقىقات ئورگىنىنى بومباردىمان قىلغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىدۇ.
جەلىلى مۇنداق دېدى: ئىران ئۆزىنىڭ خەلقئارا بايلىقىنى ئىشلىتىپ، سۈرىيەنى قوللايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: سۈرىيە كەلگۈسىدە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى سۈرىيە خەلقىنىڭ قولىدا. تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق سۇرىيەنىڭ مۇقىملىقىدا پاسسىپ رول ئوينايدۇ.
جەلىلى 2-فېۋرال دەمەشققە يېتىپ بارغان ئىدى. جامائەتچىلىك، جەلىلىنىڭ يۇقىرىقى پوزىتىسىيەسى سۈرىيە پىرېزىدېنتى باشار ئەسەتنىڭ 3-فېۋرال ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ بىر پەن تەتقىقات ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىپلىگەنلىكىنى قوللىغانلىق دەپ ھېسابلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە