باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى ئاساسىي قاتلامغا كۆپ قېتىم چۈشۈپ، سەككىز ئۆلكىنى ئارىلاپ چىقتى

2013.02.05 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

2012-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ فۇشيەن ناھىيەسىدە قېيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ لۇڭچۇەنگۇەن بازىرى لوتوۋەن كەنتىدىن تاڭ لۇڭبىننىڭ ئائىلىسىنى يوقلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى
  چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ قاتارلىق مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر يەنە بىر قېتىم جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ ئىزلىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىدىكى 8 ئۆلكىگە تارقالدى. ئۇلار ھەم ئىسلاھاتنىڭ باشلامچى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەم تۆۋەن قاتلامدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن باشلاپ ئاساسىي قاتلامدا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارغانلىقى ئۇلارنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ئېچىپ بېرىدىكەن.
2012-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جياڭشىنىڭ جيۇجياڭ، خۇبېينىڭ ئېنشى دېگەن جايلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، لى كېچياڭ خۇبېينىڭ ئېنشى ناھىيەسى لۇڭفېڭ بازىرى چىڭپۇ كەنتىدە، لاي-پاتقاقلىق تاغ يولىنى بېسىپ، يانتۇ يەرلەردە تېرىقچىلىق قىلىشنىڭ تەسلىكىنى كۆزدىن كەچۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە