باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئىسرائىلىيەنى سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلدۇرۇۋېتىمىز، دەپ ئاگاھلاندۇردى

2013.02.05 17:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ كاتىپى جەلىل بۈگۈن دەمەشىقتە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ‹‹ئىسرائىلىيەنى سۈرىيەنىڭ تەتقىقات ئاپپاراتىنى بومباردىمان قىلغانلىقىدىن پۇشايمان قىلدۇرۇۋېتىمىز››، دېدى.

  جەلىل مۇنداق دېدى: ‹‹سۈرىيە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ئارىلىشىۋاتقان كۈچلەرنىڭ قولىدا ئەمەس، سۈرىيەلىكلەرنىڭ قولىدا، تېررورلۇق ۋە زومىگەرلىك سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ››.

  جامائەتچىلىك مۇنداق قارىدى: جەلىلنىڭ يۇقىرىقى پوزىتسىيەسى سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ئاسادنىڭ 3 – فېۋرال ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بىر تەتقىقات ئاپپاراتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكىگە ھەمنەپەس بولغانلىق. بەشىر: ‹‹ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان›› دېگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە