باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىرى لانكا زۇڭتۇڭى ئەيىبلەشلەرگە تەرەققىيات ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2013.02.05 17:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىرى لانكا زۇڭتۇڭى راجاپاكسا 4 – فېۋرالدىكى مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە مۇنداق دېدى: ‹‹سىرى لانكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش››.

  سىرى لانكا شۇ كۈنى جەنۇبتىكى ترىنكومالې شەھىرىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. راجاپاكسا تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ب د ت نىزامنامىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر، دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي مۇستەقىللىقىگە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىدۇ، دۆلەتلەر كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ب د ت نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك››.

  راجاپاكسا يەنە ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشنى شۇنداقلا ئۆكتىچىلەر ۋە ھۆكۈمەتكە دۆلەتنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە