باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق ئىككى ئۆسمۈر ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2013.02.06 14:34         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹بۇ بالىلارنىڭ ئىككىلىسى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى!...›› 5-فېۋرال سەھەر سائەت 00:35 ئۆتكەندە، تۇرپان شەھىرى بۇيلۇق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى گۇڭ ياجۇڭ ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا مەۋلان ئەخمەت ۋە سۈبھىنۇرغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق ساخاۋەتچى زاتلارغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇلارغا دەرھال خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.

  شۇ كۈنى كەچ، بۇ ئىككى بالا 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ‹‹مەكتەپ ئىچى سەنئەت ماھارىتىدىكى مۇنەۋۋەر شەخس›› نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى ۋە ‹‹سېرىس گۈلى›› جۇڭخۇا ياش-ئۆسمۈرلەر سەنئەت ماھارىتىدىكى يېڭى شەخسلەرنى تاللاش پائالىيىتى شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىنىڭ ناخشىلىق مۇزىكا تۈرى A گۇرۇپپىسى بويىچە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  مەۋلان تۇرپان شەھىرى بۇيلۇق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ باشلانغۇچ 5-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، كىچىك تۇرۇپلا يېتىم قالغان بولسىمۇ، ئەمما، ئىزچىل تۈردە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئاقكۆڭۈل، ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ، ھەر جەھەتتە ياخشى تەربىيەلىنىپ كېلىۋاتاتتى.

  3-فېۋرال، مەۋلان بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقىگە قاتناشقانلار ئىچىدە سەنئەت تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان سۈبھىنۇر ئىسىملىك يەنە بىر 11 ياشلىق قىزمۇ بار بولۇپ، ئىككىلىسى بىر مەكتەپتىن كەلگەن ئىدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مەۋلان ناخشا ئېيتتى، سۈبھىنۇر ئۇسسۇل ئوينىدى، يېقىملىق ناخشا، لەرزان ئۇسسۇل نەق مەيداندا بارلىق باھالىغۇچىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، ئىككىلىسى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە