باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە بىلەن ئامېرىكا دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

2013.02.05 17:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 4 – فېۋرال كورېيە ھەربىي دائىرىلىرىدىكى ئەربابنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: كورېيە بىلەن ئامېرىكا بۈگۈن پوخاڭنىڭ يېنىدىكى شەرقىي دېڭىزدا ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان ئۇنىۋېرسال بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى، مانېۋىرغا يادرو چۆكمە پاراخوتى ۋە زىۋىس قالقىنى دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوت قاتناشتۇرۇلدى.

  كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر چۆكمە پاراخوتقا قارشى پاراخوتنىڭ پاراخوتقا قارشى تۇرۇش، پاراخوتتىن ھاۋادىكى نىشانلار زەربە بېرىش مەشىقى، دېڭىزدا تاكتىكىلىق ھەرىكەتلىنىش مەشىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ مانېۋىرغا 6900 تونناژلىق ‹‹سان فىرانسىسكو›› ناملىق يادرو چۆكمە پاراخوت بىلەن 9800 تونناژلىق زىۋىس قالقىنى دەرىجىلىك ئوكيان چارلاش پاراخوتىنى قاتناشتۇردى. كورېيە ھەربىي تەرەپ زىۋىس قالقىنى دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوت، ‹‹كورېيە›› تىپلىق قوغلىغۇچى پاراخوت، چارلاش پاراخوتى، 214 دەرىجىلىك چۆكمە پاراخوت قاتارلىق ئون نەچچە پاراخوتنى قاتناشتۇردى، شۇنداقلا ‹‹3C P›› بەلگىلىك چۆكمە پاراخوتقا قارشى چارلاش ئايروپىلانى ۋە ‹‹مولۇن›› ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننى قاتناشتۇردى.

  كورېيە تەھلىلچىلىرى: بۇ، كورېيە – ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ چاۋشيەن 3 – قېتىم يادرو سىنىقى قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ‹‹قورال كۈچى››دىن پايدىلىنىپ چاۋشيەننى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغانلىقى، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە