باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ش ئۇ ئا ر مېۋىنى يېڭى پېتى ساقلاش ئىقتىدارى 94 مىڭ توننىغا يەتتى

2013.02.06 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:بۇلتۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆلەتنىڭ «غەربنىڭ مېۋىسىنى شەرققە توشۇش» يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى زامانىۋى ئۇنىۋېرسال ئوبوروت سىناق نۇقتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، 25 ھۆددىگەر كارخانا مېۋىلەرنى ئىنچىكە پىششىقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش قاتارلىق تۈرلەرنى بەرپا قىلدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مېۋىلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش ئىقتىدارى 94 مىڭ توننىغا، پىششىقلاش ئىقتىدارى 267 مىڭ توننىغا يەتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ «غەربنىڭ مېۋىسىنى شەرققە توشۇش»نى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى «سېتىش قىيىن»، «باھاسى قىممەت» بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

  شىنجاڭ مېۋىچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق «غەربنىڭ مېۋىسىنى شەرققە توشۇش»نى ھۆددىگە ئالغان 25 كارخانا تۈر تەسىس قىلىپ، بۇلتۇر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۇتاشقان 29 لىنىيەنى ئېچىپ، 770 مىليون يۈەن ئىجتىمائىي سېلىنمىغا تۈرتكە بولغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بۇلتۇر شاڭخەي، بېيجىڭ، سىچۈەننىڭ سودا تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تاللا بازارلىرى ۋە توپ تارقىتىش بازارلىرىغا كىرىشىگە يول ئاچتى. بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي ۋە يىۋۇ شەھەرلىرىدە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئورنى تەسىس قىلدى، بېيجىڭدا «شىنجاڭ تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى» پائالىيىتىنى، كەررېفور «شىنجاڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بايرىمى»نى غەلىبىلىك ئۆتكۈزدى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تايانچ كارخانىلىرىنى چوڭ كارخانا چوڭ گۇرۇھلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق ئالاھىدە يېڭى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىغا سىجىل يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە