باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى ش ئۇ ئا ر جەمئىيەت باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تەكشۈرۈپ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

2013.02.06 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:مۇخبىرنىڭ 3-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى جايلارنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى باھالاپ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دورا بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «ئۈچ ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى»(ساقلىق ساقلاش يېمەكلىكى، گىرىم بۇيۇملىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى، يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى، دورا بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى) بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن. 2013 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر بىر ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە بىردىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ناھىيە، ھەر بىر ناھىيەدە بىردىن ئۈلگىلىك كوچا بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 600 يېمەك – ئىچمەك، مۇلازىمەت ئورنىنى ئۈلگىلىك دۇكان قاتارىغا كىرگۈزىدىكەن.

  ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرلۇشىنى بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى يېزا(بازار)، كەنت، ئەترەت(مەھەللە)گىچە كېڭەيتىلىدىكەن؛ تارماق رايون قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەتنامىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونلارغا ئايرىپ دائىرە بۆلىدىغان، ھۆددىگە ئالغۇچى مەسئۇل بولىدىغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تورى بەرپا قىلىنىدىكەن؛ كارخانا بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل رەھبەرنى 1 – مەسئۇل خادىم قىلىش كۈچەيتىلىپ، كەسىپ زەنجىرى مەسئۇلىيەت زەنجىرىگە ئۆزگەرتىلىپ، «بايراقدار دورا دۇكىنى»، «يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى ئۈلگىلىك دۇكان»نى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نەتىجىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسى قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە