باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار دۆلىتىمىزگە قايتىپ خىزمەت ئىزدەشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ

2013.02.05 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار دۆلىتىمىزگە قايتىپ خىزمەتكە ئىزدەشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان دۆلىتىمىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال تاللايدىغىنى شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەر ئىكەن. ئىگىلىك تىكلەيدىغان، كەسپىي قابىلىيىتىنى تەلەپ قىلىدىغان كەسپلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن تاللىشى بولغان. چەتئەلدە ئوقۇيدىغان دۆلىتىمىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى يىلىغا %20 دىن ئېشىپ بارغان. شەھەر بايلىقىنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقى، كۈندىن-كۈنگە كىچىكلەپ كېتىۋاتقان يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى، كىشىلەر ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىشى قاتارلىقلار چەتئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەن.

  دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلاشماقچى بولغان شەھەرنى تاللاشتا، %37.3 ئوقۇغۇچى شاڭخەينى، %31.8 ئوقۇغۇچى بېيجىڭنى تاللايدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۈچتىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچى باشقا ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەرنى تاللايدىكەن. كارخانا تاللىغاندا، يەنىلا چەتئەل ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تاللىشى بولۇپ، %36.5 نى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا %31.5 نى، دۆلەت ۋە چەتئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانا % 13.4 نى ئىگىلەيدىكەن. ئەڭ سەزگۈر بولغان مەسىلە ئىش ھەققى. چەتئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۈمىد قىلىدىغان مائاشى 4000~5000 يۈەنگىچە، %14.5 ئوقۇغۇچىلار 2000~4000 يۈەن مائاش بولسىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر مۇتەخەسىسنىڭ ئېيتىشىچە:«چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن دۆلىتىمىزدە ئوقۇش تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئوخشاش بولىدۇ، لېكىن چەتئەلدە ئوقۇپ ھەم چەتئەلدە بىر ئىككى يىل خىزمەت قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائاشى يۇقىرىراق بولىدۇ، چۈنكى كارخانىلار ئۇلارنىڭ چەتئەل كارخانىلىرىدا ئىشلەش جەريانىدىكى يېتىلدۈرگەن خىزمەت ئۇسۇلى ۋە پوزىتسىيىسىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ» دېدى.

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا روشەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ئىلغار ئۆگىنىش ۋە خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە، «يېڭىلىق يارىتىش تىپى» گە ئىگە چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ۋە پەن-تەتقىقات ئورگانلىرى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىتىدىكەن. «يېڭىلىق يارىتىش تىپى» گە ئىگە چەتئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز دۆلىتىمىزدىكى ھەرخىل مەھسۇلاتلارغا قارىتا تەرەققىي قىلىش پۇرسەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن، شۇڭا چەتئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ناھايىتى ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت دۆلىتىمىزنىڭ ماكرولۇق سىياسىتى ئاستىدا، ئېلىكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ماتېرىيال بىئولوگىيىلىك قۇرۇلۇش، تىببىي دورا، پۇل-مۇئامىلە، سۇغۇرتا ۋە سودا قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ چەتئەلدە ئوقۇغان ئىختىساسلىق كەسپىي ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.

  بىر قانچە چەتئەل تىلىنى بىلىشمۇ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇرىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى مۇتەخەسىسىنىڭ ئېيتىشىچە، چەتئەلدە ئوقۇغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار چەتئەل كارخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقاندىكى ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنى دۆلەتكە باشلاپ كېلىپ، ئىگىلىك تىكلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرىلاپ، رىقابەت ناھايىتى كەسكىنلىشىدىكەن. مۇتەخەسىس چەتئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشىنى تەۋسىيە قىلغان، چۈنكى مول ۋە قويۇق بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت كىشىلەرگە ئويلىمىغان يەردىن ئويلىمىغان پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە