1-فېۋرال سەھەر، فرانسىيەدىكى پارىژ ساينت گېرمانىيان كوماندىسى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر پۇتبۇلچى داۋىد بېكخام بىلەن توختاملاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بېكخامنىڭ توختام ۋاقتى 2013-يىلى 30-ئىيۇنغىچە بولۇپ، ئايلىق مائاشى 700-800 مىڭ ياۋرو ئىكەن، لېكىن ئۇ بۇ مائاشنىڭ ھەممىسىنى پارىژدىكى بالىلار پاراۋانلىق ئورگىنىغا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ بۇ كوماندىدا 32-نومۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.