باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئوماق قىزچاق بەرنا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق كېچىلىكىگە قاتنىشالماي قالدى

2013.01.31 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئاخىرلاشقان «مەن چاغانلىق كېچىلىككە قاتنىشىمەن» پىروگراممىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئالتە ياشلىق بەرنا ئەنۋەر بۇ يىللىق چاغانلىق كېچىلىككە قاتنىشالمايدىكەن، بۇ ئادەمنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

  بەرنا ئۆتكەن يىلى «ئالاھىدە 6+1 » پىروگراممىسىغا قاتناشقان، ئارقىدىن «مەن چاغانلىق كېچىلىككە قاتنىشىمەن» ناملىق پىروگراممىغا قاتناشقان. ئۇ ئېيتقان ناخشا «مىنىڭ يەكشەنبەم» پۈتۈن مەيداننىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ نومۇرلىرى بالىلارچە سەبىيلىككە تولغان بولۇپ، بەرنا ئوماق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھەتتا رىياسەتچى دوڭ چىڭ بىلەن قىلىشقان قىزىقارلىق دىئالوگلىرى نەق مەيدان ۋە تېلېۋىزور ئالدىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئېسىدە ساقلىنىپ قالغان ئىدى. باھالىغۇچىلار ئۇنىڭ نومۇرىنى بەس-بەستە ماختاپ، ئۇنىڭ تالانتىدىن ھوزۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

  ئۇنىڭ يوۋكۇ تورىدىكى ناخشىسىنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى نەچچە يۈز مىڭغا يېتىپ، تورداشلار «بۇ قىز بەك ئوماق ئىكەن، ئۇ سەھنە ئۈچۈنلا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ زېرەكلىكى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ» دېيىشىپ كەتتى.

  ئالدىنقى ھەپتە بەرنا شىنجاڭنىڭ 2-نۆۋەتلىك تور چاغانلىق كېچىلىكىگە قاتناشتى. ئۇ شەرق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «جۇڭگودىكى تالانتلىقلار» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، «قار گۈلى» ناملىق ناخشىنى ئورۇندىدى. باھالىغۇچىلار ئۇنىڭ سەھنىدىكى پىسخىك ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا ھەيران قالدى ھەمدە ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى.

  بەرنادىكى كۈچلۈك مۇزىكا سېزىمى، دوراش ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئادەمنى ناھايىتى قايىل قىلىدۇ. بىزمۇ بەرنانىڭ ئۆز ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپچىلىككە تېخىمۇ سەرخىل نومۇرلارنى ئورۇنداپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

ئالاقىدار خەۋەرلەر