بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى لى ياڭنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان ئائىلە زوراۋانلىقى ئاجرىشىش دېلوسىغا سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلدى.
3-فېۋرال، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى «ئەسەبىي ئىنگىلىز تىلى»نىڭ قۇرغۇچىسى لى ياڭنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان ئائىلە زوراۋانلىقى ئاجرىشىش دېلوسىغا سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلدى، سوتچى ئىككىيلەننىڭ رەسمىي ئاجراشقانلىقىنى جاكارلىدى، لى ياڭنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقى راست بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىلىق ئايالىKIM (لى جىن) غا 50 مىڭ يۈەن روھىي زىيان تۆلىمى تۆلەشكە، شۇنىڭدەك باھاغا سۇندۇرۇلغان 12 مىليوندىن ئوشۇق ئۆي-جاي پۇلى تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىندى، ئۇنىڭدىن سىرت بالىلارنى بېقىش ھوقۇقى KIM گە تەۋە بولغاچقا ھەر يىلى ئۈچ قىزىغا 300 مىڭ يۈەن بېقىش پۇلى بېرىش ھۆكۈم قىلىندى.